« ئەزەكىئەل »

36

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشى

1-2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! دۈشمەنلەر: ‹بۇ قەدىمىي تاغلار بىزگە مەنسۇپ بولدى› دېيىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشمەكتە.»

3ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «دۈشمىنىڭلار سىلەرگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، سىلەرنى ۋەيران قىلدى. سىلەر يات خەلقلەرنىڭ مۈلكىگە ئايلاندىڭلار ھەم ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىسىگە قالدىڭلار. 4ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار تاغ، ئېدىر، جىرا، جىلغا ۋە خارابىلەرگە ھەمدە يات خەلقلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، ئادەمسىز قېلىپ، مەسخىرىگە قالغان شەھەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: 5‹مەن يات ئەللەرنى ۋە ئىدومنى قەھر-غەزىپىم بىلەن ئەيىبلەيمەن، چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى خۇرسەن بولغان ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئىگىلىۋالدى ھەم ئوتلاقلىرىمنى يۇتۇۋالدى.›» 6شۇڭا سەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغ، ئېدىر، جىرا ۋە جىلغىلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر يات ئەللەرنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغىنىڭلاردا قەھر-غەزىپىم تاشتى. 7شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، مەنمۇ تۆت ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.

8ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سىلەردە ئەمدى دەرەخلەر كۆكلەپ، خەلقىم ئۈچۈن مېۋە بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ. 9مەن سىلەر تەرەپتە تۇرىمەن، سىلەرگە يۈزلىنىمەن. ئېتىزلىرىڭلار قايتىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇرۇق چېچىلىدۇ. 10سەندە ياشايدىغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى كۆپەيتىمەن. خاراب بولغان شەھەرلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، شەھەرلەردە ئادەم ياشايدۇ. 11مەن ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنى ئاۋۇتىمەن، ئۇلار كۆپىيىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەرگە ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سىلەر خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش روناق تاپىسىلەر، ئىسرائىللار تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 12خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى سىلەردە قايتا ياشىتىمەن، ئۇلار سىلەرگە ئىگە بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مۈلكى بولىسىلەر. ئەمدى ئۇلارنى بالىلىرىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر.

13مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىلىيە تاغلىرى، يات ئەللەر بۇ زېمىننى ئادەم يەيدىغان، ئوغۇل-قىزلارنى خەلقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان زېمىن دېيىشىدۇ. 14ئەمدى سىلەر ئادەم يېمەيسىلەر ۋە ئوغۇل-قىزلارنى خەلقىدىن مەھرۇم قىلمايسىلەر. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 15ئەمدى سىلەرنى يات خەلقلەرگە مازاق قىلدۇرمايمەن ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قويمايمەن. سىلەر ئەمدى خەلقىمنىڭ قايتا پۇتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولمايسىلەر.›»

16پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

17_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىدا ياشىغان مەزگىلىدە، رەزىللىكلىرى بىلەن ئۆز زېمىنىنى بۇلغىغانىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزلىرىدەك ناپاك ئىدى. 18ئۇلار بۇ زېمىندا قان تۆكۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، بۇ زېمىننى بۇلغىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپلەندىم. 19ئۇلارنى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازالاپ، ياقا يۇرتلارغا، يات ئەللەرگە چېچىۋەتتىم. 20ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ بولدى، چۈنكى ئۇلار يات خەلقلەرنىڭ: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىدىغۇ؟! ئەمدى ئۇلار زېمىنىدىن قوغلىنىپتۇ» دېيىشىگە سەۋەب بولدى. 21ئىسرائىل خەلقى نەگىلا بارمىسۇن ئەللەر ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى، مەن مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قايغۇردۇم.

22ئەي ئادەم بالىسى، شۇ سەۋەبتىن، سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىللار، مېنىڭ سىلەرنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇشۇم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سىلەر بارغان يات ئەللەردە مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدىڭلار. 23مەن ئەمدى باشقا ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان نامىمنىڭ قانچىلىك مۇقەددەسلىكىنى كۆرسىتىمەن. شۇندىلا ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

24سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. 25ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن. 26سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن. 27ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر. 28سىلەر مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. 29مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن. 30باغلىرىڭلاردىن ۋە ئېتىزلىرىڭلاردىن مول ھوسۇل ئالدۇرىمەن. ئەمدى سىلەر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يات ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايسىلەر. 31ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. 32مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىمغا لايىق ئەمەسسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، قىلمىشىڭلاردىن خىجىل بولۇڭلار ۋە نومۇس قىلىڭلار.›

33مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، سىلەرنى پۈتۈن گۇناھىڭلاردىن پاكلىغان كۈنى شەھەرلىرىڭلارغا قايتىدىن ئادەم ئولتۇراقلاشتۇرىمەن، خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەر قايتا قۇرۇلىدۇ. 34تاشلىنىپ قالغان يەرلەر قايتا تېرىلىدۇ، ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئەمدى تاشلاندۇق يەرلەرنى كۆرمەيدۇ. 35ئۇلار: ‹بۇرۇنقى قاقاس يەرلەر ئەمدى ئېرەم باغقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرگە قايتىدىن سېپىللار ياسىلىپ، ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ› دېيىشىدۇ. 36ئۇ ۋاقىتتا ئەتراپىڭلاردىكى قالغان ئەللەر بۇ يەرلەرنى مېنىڭ قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىمنى، تاشلىنىپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا تېرىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار دېدىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»

37مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن. 38خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرنى ئادەملەرگە تولدۇرىمەن، ئۇلارنىڭ سانى خۇددى يېرۇسالېمغا ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىنىشقا ئەكېلىنگەن مال-چارۋىلارنىڭ سانىدەك كۆپ بولىدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى